تەتقىقات ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەرەققىياتىدا تولىمۇ زۆرۈر ، ئۇنىڭ ھالىقىلىق ۋەزيىتى بىلىمنى ئاساس قىلغان ھەل قىلىش چارىسىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىلىم-پەن ساھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولسا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ، يېڭىلىق يارىتىش ، ئادەم كۈچى بايلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ئىشىنىمىزكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا رايونلاردا ياشاۋاتقان كىشىلەر تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ، ئۆز- ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە مەزكۇر رايوندىكى كىشىلەر ۋە ئورگانلارغا مەبلەغ سېلىشتىن ئورتاق نەپ ئالىدۇ.
ھەققىمىزدە

ئوكسۇس(OXUS) ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى جەمئىيىتى 2020-يىلى قۇرۇلغان ، ۋاشىڭگتون (DC) دە تۇرۇشلۇق بىر ئجتىمائى تەشكىلات بولۇپ ، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى
ئىلىم-پەن ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا.
ئوكسۇس جەمىئىيتنىڭ مۇدداسى:
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قاتار مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا
مۇنازىرە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا قۇلايلىق يارىتىش. - مەزكۇر رايوندكى مۇشەققەتلىك مەسلىلەرگە يېڭى ئىدىيەلار ۋە بىلىم
ئاساسىدىكى ھەل قىلىش چارىلىرنى ھاسىل قىلىش. - ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنى يېتەكلەش ،
قوللاش ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەش. - مەزكۇر رايوننىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى ئەندىشىلەرنىڭ قانچىلىك چوڭ تەسىر كۈچىگە ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش.
ئوكسۇس جەمئىيىتى:
- دەسلەپكى قەدەم تەتقىقاتچىلار ، پراكتىكانتلار ۋە تونۇلغان ئاكادېمىكلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىتى ، ئىقتىسادى ، مەدەنىيىتى ، تارىخى ۋە جەمئىيەتلىرى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق،.ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى كەڭ ئاممىغا تونۇتۇشقا سەھنە ھازىرلاپ بېرىدۇ.
- ئەسلى سانلىق مەلۇمات جەدۋېلى تۈزۈش ، ئانالىز قوراللىرىنى ياساش ئارقىلىق ، رايوندىكى ئەڭ يېڭى تەرەققىياتلارنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ.
- ئالىملار ۋە جامائەت ئەزالىرى ئۈچۈن پائالىيەت تەشكىللەيدۇ;
- مائارىپچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن مەنبە تەمىنلەيدۇ.
- ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن تەتقىقات ئەخلاقى ، ئۇسۇلى ، سانلىق مەلۇمات ئانالىزى ۋە نەشر قىلىش مەركەزلىك سۆھبەت يىغىنى تەشكىللەيدۇ.
نېمە ئۈچۈن ئوكسۇس؟
بىز ئىسمىمىزنى پامىر تېغىدىن باشلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قوينىدىن ئېقىپ تاكى ئارال دېڭىزىغا تۇتىشىدىغان ئامۇ دەرياسىدىن ئالدۇق.ئامۇدەرياسى قەدىمكى دەۋردە دەل ئوكسۇس (Oxus) دەپ ئاتالغان. تارىختا ، بۇ رايوننىڭ ئۆزى(Transoxiana) ترانسوكسىئانا دەپمۇ ئاتىلاتتى ، يەنى ئوكسۇسنىڭ سىرتىدىكى زېمىن دىگەن مەنادا بولۇپ،بۇ خىل ئاتاش ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن تەرىپىدىن ئومۇملاشقان . بۇ زىمىن دەل ھەرخىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچراشقان ، ئىلىم – پەن ۋە مال-بىساتلارنى ئېلىم-بېرىم قىلىدىغان جايى ئىدى. بۇ بولسىمۇ دەل بىزنىڭ 21-ئەسردە تەقىلدە قىلىشقا تىرىشۋاتقان تۇيغۇ- ھالىتىمىز.
ئوتتۇرا ئاسىيا دېگىنىمىز نېمە؟
ئوتتۇرا ئاسىيا دېگىنىمىز بىز قازاقىستان ، قىرغىزىستان ، تاجىكىستان ، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان ۋە ھازىرقى جۇڭگونىڭ شىنجاڭ دەپ ئاتىلىدىغان ،ئەمما تارىختا ئاھالىلىرى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىلىدىغان يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گەرچە بۇ ئالتە جاي بىزنىڭ يادرولۇق دىققەت ئوبىكتىمىز بولسىمۇ ، بىز ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ روسىيە ، جۇڭگو قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ، شۇنداقلا ھىندىستان چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە شەرقىي ئاسىيادىكى قوشنىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ كۈنسېرى قويۇقلىشۋاتقانلىقىنى تولۇق نەزەرگە ئالىمىز. ئوكسۇس جەمئىيىتى بولسا ئوتتۇرا ئاسىيانى دەل ھىندىستان ۋە جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈلۈشى بىلەن تەڭ يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيانىڭ جۇغراپىيىلىك سياسي چېگراسى ئىچىدە تۇرغۇزۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ نۇقتى نەزەردىن مەزكۇر رايوننىڭ مەدەنىيىتى ، سىياسىتى ۋە تارىخىنى قايتىدىن باھالاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
بىزنىڭ ئاساسى قىممەت قارىشىمىز
ئوكسۇس جەمئىيىتى شۇلارغا ۋەدە بېرىدۇ :
كۆپ مەنبەچىلىك: بىز تەنقىدىي تەپەككۇر ، پىكىر مۇستەقىللىقى ۋە ئىلمىي ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىمىز.
سىغدۇرۇشچانلىق: بىز ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈش ، ياش پەرقى ۋە پەننى كۆرۈنىشى ئوخشىمىغان شەخسلەرنى ھەر خىل مەسىلىلەردە ئەركىن ۋە ئوچۇق-ئاشكارە سۆزلىشەلەيدىغان سۇپا بىلەن تەمىنلەيمىز.
تەڭپۇڭلۇق: بىز ئوخشىمىغان كۆز قاراش ۋە پىكىرلەرنىڭ تەڭ مۇنازىرە قىلىنىشى ۋە مۇزاكىرە قىلىنىشى ئۈچۈن ئورتاق مۇنبەر تەمىنلەشكە تىرىشىمىز.
باراۋەرلىك: بىزبلىمنى، پكىىر ھاسىلاتىغا داھىل بولغانلارغا تولۇق ئىمتىياز تونۇيدىغان ھەمكارلىق شەكىلىدە بەرپا قىلىمىز.
تەجرىبچىلىك: بىز ھەر خىل مەنبەلەردىكى ئېنىق ۋە ئەسلى سانلىق مەلۇمات توپلاشتىن قولغا چىققان تەتقىقات ۋە تەھلىللەرنى تارقىتىمىز.
بىزنىڭ ئۇسۇلىمىز
ئوكسۇس جەمئىيىتى ئاساسى بۇرچى ۋە قىممەت قارىشى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىنى ئىلغاربىر سەۋىيەدە چۈشىنىش ئۈچۈن ئۆزگىچە بىر سۇپا سۇنىدۇ. ئوكسۇس جەمئىيىتى يەرلىك ۋە دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە تولۇق بىلدۈرىلمىگەن مەزمۇنلارغا دىققەت تارتىش ئۈچۈن ھەر خىل ئاكادېمىكلار ، ژۇرنالىستلار ، پائالىيەتچىلەر ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىر يەرگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۆزىنى قەد كۆتۈرۈۋاتقان ئاسىيا رامكىسى ئىچىدە بەلگىلىگەن ئوكسۇس جەمئىيىتى ، غەربنى مەركەز قىلغان بىر قېىلپشىپ قالغان كۆز قاراشتىن ھالقىپ ، يېڭى سادالارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ھەقىقىي دىئالوگ ئورنىتىشقا تىرىشىدۇ. پروگراممىلىرىمىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قاتناشقۇچىلار تەرپىدىن يۈرىتىلىدۇ، يەنى تەبىئتى پارتىيە-گورۇھسىز. ئوكسۇس جەمئىيىتى رايوندىكى مۇھىم يۈزلىنىشنى گەۋدىلەندۈرىدىغان تەتقىقات دوكلاتىلىرنى تارقىتىدۇ. بىزنىڭ ھەمكارلىق تەتقىقات مەبلىغىمىز، تاللانغان قاتناشقۇچىلارنىڭ مەزكۇر رايوندا ھەمكارلىق تەتقىقات تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا ۋە ئوكسۇس جەمئىيىتىنىڭ بۇرچىنى ئىلگىرى سۈرىشىنى كاپالەت قىلىدۇ. ئوكسۇس جەمئىيىتى بىر قاتار مۇھىم مۇناساۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەسلى سانلىق مەلۇمات جەدۋىلىنى تۈزۈش ئارقىلىق ، چۈشىنىشنى كۈچەيتىشكە ۋە مەزكۇر رايون ئۈستىدىكى تەتقىقات ئۈچۈن،كۈن تەرتىپ ھاسىل قىلىشقا ياردەم قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق بىز ھەرخىل كىشىلەر ۋە ئورگانلار ئارىسىدا بىلىم يەتكۈزۈش تورىنى كۈچلەندۈرىدۇ.
Read Our Latest
Read the latest work from our staff and researchers.
Get to Know Us
Meet our staff.
Frequently Asked Questions
Learn about our story and mission.
Check Upcoming Events
Register for upcoming events in Washington, DC, or streamed online.